باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پرېتورىيەگە بېرىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەتلەشتى

تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2015.12.03 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-دېكابىر پرېتورىيەدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئورتاق تونۇشى ۋە «جۇڭگو-ئافرىقا 5− 10 يىللىق ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن قول سېلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىردەك ماقۇللىدى.

  يىغىندىن بۇرۇن، زۇما فېدېراتسىيە سارىيىنىڭ مەيدانىدا داغدۇغىلىق شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەتتە تۇردى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن كەلگەندە زۇڭتۇڭ زۇما ۋە ئۇنىڭ خانىمى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ شېئىرىنى ئورۇنلىدى، ھۆرمەت توپى 21 قېتىم ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شى جىنپىڭ سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى بىر-بىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى ۋە ئالدىن يۆنىلىشى قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى توختىماي كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر