باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن نوپۇس يۆتكەش» ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سالاھىتى بىكار قىلنىدىغان بولدى

2015.12.07 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:نەچچە يىل ئىلگىرى ئىچكىردىن نوپوسىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رەسمىيىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلۈپ چىقتى. بىر قانچە نەپەر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سالاھىتى بىكار قىلنىشقا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، دېلوغا چېتىشلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنىدى. يېقىندىن بېرى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ بۇ دېلونى قاراپ چىقتى.

  2014-يىلى 11-ئاي، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئون نەچچە نەپەر« ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن نوپوسنى يۆتكىگەن ئوقۇغۇچى» غا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تۇرپان ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى، تۇرپان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ئون نەچچە نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نوپۇسى شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىنگەندە، يالغان ئىسپات بېرىپ ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىمىلىرىنى ئالداپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نوپۇس يۆتكەش رەسمىيتى بېجىرگەنلىك ئەھۋالى مەلۇم بولغان.بۇ «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغان، بۇنىڭغا قارىتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ۋە ئوقۇش سالاھىتى بىكار قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى شىنجاڭ مائارىپ تارماقلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان. ئاتا-ئانىلار بۇ ئوقۇغۇچىلارنى نورمال تەرتىپ بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ۋە قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دەپ ئويلىغان، قوبۇ قىلىنىش سالاھىتىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، گەرچە بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارارنامىسىنى تاپشۇرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەكتەپتە نورمال ئوقۇۋاتقان، ۋاقتىنچە مەجبۇرىي ھالدا مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلمىگەن.

  سوت ئېچىلغان كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان. ئادۋۇكاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش سالاھىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، شۇ يىلى نوپۇس يۆتكىگەنلىكىگە مۇۋاپىق سەۋەب كۆرسىتىشى كېرەك.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر