باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

« جەم كارتا » قىشلىق ساياھەت تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

2015.12.07 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو غەربىي رايون قار مۇز ساياھەت بايرىمى ھەمدە 10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بېلەت ئىشلىرى شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، ئۈرۈمچى ۋىست چاڭغا مەيدانى، مايتاغ مۇزلۇق تاغ - چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى ياۋا ياڭاق جىلغىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى « جەم كارتا » قىشلىق ساياھەت تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كارتا ئابونتلىرىنى باھانى چۈشۈرۈپ ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بېلەت ئىشلىرى شىركىتى تارقاتقان« جەم كارتا » ساياھەت كارتىسى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تارقىتىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، مەنزىرە رايونىنى ئىمزالاش، سېتىش يوللىرى قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاشقا ئېرىشىپ، ھازىرغىچە 100مىڭدىن ئارتۇق سېتىلدى، بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان ئىقتىسادىي ئىستېمال 300مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا قاتناش، مەنزىرە رايونى، يىمەك - ئىچمەك، ياتاق، ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساياھەت سودا چەمبىرىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر