- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر ئېلان قىلدى
دوكتور ئاشتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك
2015.12.04 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دوكتور ئاشتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلغىچە، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا يېڭىدىن كىرگەنلەرنىڭ ۋە دۆلەت نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن دوكتورلارنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئېففېكتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دوكتور ئاشتى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دوكتور ئاشتىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. نۇقتىلىق پەن-تەتقىقات بازىسى ۋە تۈرىگە بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلەپ، پونكىت تەسىس قىلغان ئورۇنلارنى دوكتور ئاشتى تەتىقىقاتچىلىرىنى چۆرىدەپ، پەن-تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھازىر بار بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە مەركىزى ۋە پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىش بازىسىغا تايىنىپ، دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر