باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئىككى تەرەپتىن قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئىقتىساد خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنغا ئوخشىمىغان ساھەدىن ئالتە مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىندى.

2015.12.04 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج شۇ كۈندىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولدى. زۇڭلى لى كېچياڭ يېرىم ئاي بۇرۇن يەنى 17-نويابىر «13-بەش يىللىق» «يىرىك پىلان تېزىسى» تۈزۈش خىزمىتى يىغىنى ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئىككى تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجغا تەڭپۇڭ قارىغاندا ھەممىسى ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج، شۇڭا بۇ ئىككى تەرەپتىن قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان تەمىنلەش جەھەتتە ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، «ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» ۋە «ئالاقە تورى +»غا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەممىسى تەمىنلەش جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىق. ئېھتىياج جەھەتتە ئىسلاھ قىلىشنىمۇ بوشاشتۇرمىدى، مەسىلەن، ئوتتۇرا، غەربىي رايوننىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى سۇ بىلەن تەمىنلەش-چىقىرىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار.«تەمىنلەش ئېھتىياجنى يېتەكلەيدۇ، ئېھتىياج يارىتىدۇ» لى كېچياڭ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ شەرھلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر