خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 5 - دېكابىر، ئەزەربەيجاننىڭ كاسپى دېڭىزى تەۋەلىكىگە جايلاشقان بىر نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ۋەقەدە 32 ئادەم قازا قىلدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھادىسە كۈچلۈك بوران سەۋەبىدىن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى زەخمىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە جەمئىي 63 ئادەم شۇ بۇرغىلاش سۇپىسىدا ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 26 ئادەم قۇتقۇزىۋىلىنغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى