باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىدىغانلىقى، لېكىن قۇرۇقلۇق قىسىم ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

2015.12.08 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەر 4-دېكابىر ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتىنىڭ سان بېرناردىنودىكى قوراللىق ئېتىشىشتا بەختىسىزلىككە ئۇچرىغان بىر كىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ياسىغان تەزىيە بىلدۈرۈش ئورنىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 6-دېكابىر ئالتۇن ۋاقىتتا ئاق ساراينىڭ ئېللىپس شەكىللىك ئىشخانىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى قىلىپ، كالفورنىيە شتاتىنىڭ جەنۇبى سان بېرناردىنو شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ۋە رادىكال تەشكىلاتقا قانداق زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بۇ خىل بىگۇناھ ئاھالىگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇمىنىڭ «تېررورلۇق» قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  لېكىن ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتمىدى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلمىدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوبامانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەنقىدلەيدىغان ئاۋازلار كۈنسېرى كۆپەيدى.

  رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئامېرىكا ئىچىدىكى سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئەزا قوبۇل قىلىش سالمىقى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان

  ئوباما مۇنداق دېدى: تېررورلۇق تەھدىتى ھەقىقىي مەۋجۇت، لېكىن ئۇنى چوقۇم يېڭىپ چىقىمىز. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن بۇيان، ئامېرىكا تېررورلۇق بىلەن «ئۇرۇش ھالىتى»گە كىردى. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە، تېررورلۇق تەھدىتى «يېڭى باسقۇچ»قا تەرەققىي قىلدى، چوقۇم رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» ۋە «بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ھەر قانداق تەشكىلات»نى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشىمىز كېرەك. ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش ۋە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىش ئامېرىكىنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈشتىكى توغرا ئىستراتېگىيەسى، قۇرۇقلۇق قىسىم ئەۋەتمەيدۇ.

  ئامېرىكا گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، «شام ئىسلام دۆلىتى»نى قوللىغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىچىدىكى سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئەزا قوبۇل قىلىش سالمىقى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. 2015-يىلدىن بۇيان، 56 كىشى «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئامېرىكىلىقلار كۆپ بولۇپ، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن يەككە يىللار بويىچە تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ رېكورتىنى بۇزغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر