- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە تۈركىيەنى جازالاش رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېدى
2015.12.08 08:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئۇليۇكايېۋ 7-دېكابىر رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنى جازالىشى-رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېدى. ئۇليۇكايېۋ رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنى جازالىشى-رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا بەزى سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن رۇسىيەنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىغا روشەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇليۇكايېۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جازالاش-رۇسىيەنىڭ بەزى ئىقتىساد ساھەلىرىگە قىسقا مەزگىل پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن: جازالاش-قىسقا مەزگىل ئىچىدە رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك باھاسىنى سەل ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن 12-ئايدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر