- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بانكىمون ئەسەبىي تەشكىلات «بوكو ھەرەم»نىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
2015.12.08 08:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون تۈنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسەبىي تەشكىلات «بوكو ھەرەم»نىڭ چاد كۆلى رايونىدىكى كىچىك ئارالغا قاراتقان بىر قاتار ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوموميۈزلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:بانكىمون چاد خەلقى بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى تەكىتلىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاد ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى قانۇنى ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر