خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۆرەتتە: 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، سۇرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرى ئەتراپىدىكى جالاماننا بازىرىدىكى ئۆيدە، سۈرىيە قىزى بىلەن بىللە.
سۈرىيە ۋە يولدىشى قاتارلىق بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان كىشى ئۇرۇش ئوتلىرىدىن قېچىپ، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئالېپپو ئۆلكىسىدىن يېرىم يىل ئىلگىرى دەمەشققە كەلگەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى تازىلىق ئۆيى ۋە ئاشخانىسى يوق، ئايلىق ئىجارىسى 8000 سۇرىيە پوندى بولغان ئىككى ئېغىز ئاددىي ئۆينى ئىجارە ئېلىپ تۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ يولدىشى تىككۈچى، ئىككى بالىسى شۇ يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. سۈرىيەنىڭ يولدىشىنىڭ ھەرئايدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمى ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىگەندىن كېيىن ھىچقانچە ئاشمايدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئاساسلىقى سۇرىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەر ئۈچ ئايدا تارقىتىدىغان تۇرمۇش ياردىمى ئارقىلىق قامدايدۇ. سۈرىيە بۇ سەرسانلىق تۇرمۇشىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بالدۇرراق ئالېپپوغا قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جالاماننا بازىرىنىڭ باشلىقى مېنچىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەرنىڭ پايتەخت دەمەشق بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 10 كېلومېتىر كېلىدىكەن، ئۇرۇشتىن بۇرۇن، دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 30 مىڭ بولۇپ، ھازىر مۇساپىرلارنى قوشقاندا بىر مىليون 300 مىڭ نوپۇس بار ئىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى