باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «قارار» ئېلان قىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ باش نىشانى بېكىتىلدى

2015.12.08 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى.

  قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى باش نىشان −− 2020-يىلىغىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېيىش، كىيىنىشتىن غەم قىلمايدىغانلىقىنى مۇقىم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىشى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك نامرات بولۇشنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

  قارار يەنە ئالتە جەھەتتىن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېزلىتىش؛ نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى بوغما چەكلىمىلەرنى تېز تۈگىتىش؛ سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تايانچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش؛ زور كۈچ بىلەن ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر