خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- دېكابىر « جۇڭگو . قەشقەر - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى . شارجاھ» قەشقەر خەلقئارا ئايرودرومدىن بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قەشقەردىن ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىگە ھاۋا يولىدا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قەشقەردىن دۇبەيگە بېرىشتا پەقەت ئۈچ يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بۇلۇپ، بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ساياھىتىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربكە ئېچىۋىتىلىشىگە قاراپ ئېلىنغان پۇختا بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ.
چۈشتىن كىيىن سائەت 4تىن 20مىنۇت ئۆتكەندە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ G9272نۆۋەتلىك ئايروپىلانى قەشقەرگە خەلقئارا ئايرودرومىغا بىخەتەر يېتىپ كەلدى. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە دۈشەنبە كۈنى بىر قېتىم ئۇچىدىغان بۇلۇپ، 168ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. شارجاھدىن بېيجىڭ ۋاقتى 13:30دە يولغا چىقىپ، 16:45قەشقەرگە يىتىپ كىلىدۇ. شۇكۈنى 17:35قەشقەردىن يولغا چىقىپ، 22:15دە شارجاھقا يېتىپ بارىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى