باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتتى

2015.12.08 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مالىيەسى 2015-يىلى ئادەتتىكى يۆتكەلگەن چىقىمنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايون قاتارلىقلارنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇپ، يۇقىرىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى.

  مەركەز مالىيەسى 2015-يىلى كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا 7 مىليارد 800 مىليون يۈەن يۆتكەلگەن چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا زور تۆھپە قوشقان، مالىيەسى قىس تۇتاش، كونا ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرگە ياردەم بەردى. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا 58 مىليارد 200 مىليون يۈەن يۆتكەلگەن چىقىم بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە يۆتكەلگەن چىقىم مەبلىغىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى. چېگرا رايونلارغا 13 مىليارد 600 مىليون يۈەن يۆتكەلگەن چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق چېگرىسى ئىشلىرى، ئوكيان باشقۇرۇش ئىشلىرى جەھەتلەرگە ياردەم بەردى. نامراتلارنى يۆلەشكە 46 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى دۆلەت بېكىتكەن تۇتاش نامرات رايونلار ۋە يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ناھىيە، نامرات يېزىلارغا مەبلەغ سالدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر