باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ

2015.12.01 13:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30-نويابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پروگراممىسى (2010-2020-يىلى) » نىڭ ئالاھىدە مائارىپنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاشنى مەخسۇس دوكلات قىلىش بويىچە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدە مائارىپى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، « 13 - بەش يىل » مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز تەربىيەلىنىش مۇددىتى 12 يىلغا يەتكەن.

  جۇڭگو ئالاھىدە مائارىپ مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ كەي« ئالاھىدە مائارىپ مەخسۇس باھالاش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىي مارىپ مەزگىللىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى 2000غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە يېڭىدىن 328 مەكتەپ كۆپەيگەن بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن 300مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھەمدە مېيىپ بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان ناھىيەلەردە بىردىن مۇستەقىل قۇرۇلغان ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى بار بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2014-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە جامائەت خىراجىتى 4000 يۈەنگە يەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 2016 - يىلى 6000 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدىكەن، بۇ، ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ 6 -8 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدسىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر