باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ

2015.12.09 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتى2016-يىللىق ئىچكىرى رايونلاردىن ئوغۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى رەسمىي باشلاندى. 9- دېكابىردىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېنىڭ ئىچكىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، توردا ئىلتىماس قىلىش 2016-يىلى 15-ئىيۇن ئاخىرلىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 8- دېكابىر شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېنىڭ ئىچكىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ 2016-يىللىق ئىچكىرى رايونلاردىن ئوغۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى 300گە يەتمەيدىغان بۇلۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئايرىم سان چەكلىمىسى بېكىتمىگەن.شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېنىڭ 2016-يىلى ئىچكىرى رايونلاردىن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش دائىرىسى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31ئۆلكىگە كېڭەيگەن بۇلۇپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىلتىماس قىلالايدۇ. قوبۇل قىلىش جەريانىدا، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتې ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي نەتىنجىسى، ئېنگىلىز تىلى نەتىنجىسى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىكى ئۇنۋېرسال ئىپادىسىگە ئاساسەن ئويلىشىدۇ. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېنگىلىز تىلىدا ئېلىنىدۇ، ئىچكىرى رايونلاردىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتې تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىنجىسىدىن باشقا يەنە، خەلقئارالىق دەرسلىك ئىمتىھانى (IB,SAT/AP,GCE A-level) نەتىجىسىنىمۇ بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسنى ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. خەلقئارالىق دەرسلىك ئىمتىھانى نەتىجىسى بىلەن ئىلتىماس قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل 30- دېكابىردىن بۇرۇن توردا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 2016-يىلى شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئىچكىرى رايونلاردىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا « مۇنەۋۋەرلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانى »نى داۋاملاشتۇرۇپ، « ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار » نى ئالدىن ئويلىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر