خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەلى بۇ يىل 48 ياشتا بولۇپ، سۇرىيەنىڭ راققا ئۆلكىسىدىكى يېزىدىن، ئىككى يىل بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ جالاماننا يېزىسىغا كەلگەن. ئەلىنىڭ دېيىشىچە، ئۆزىنىڭ ئېغىر بۆرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئەمگەك قىلالمايدىغان بولغاچقا پەقەت ئۆيدىلا تۇرىدىكەن. ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسلىقى سۇرىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ھەر ئۈچ ئايدا تارقىتىدىغان تۇرمۇش ياردىمىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىكەن. مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزىغا سومكا ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكتىن، قىزى ھەركۈنى كىتابلىرىنى پىلاستىك خالتىغا ئوراپ مەكتەپكە بارىدىكەن. ئەلىنىڭ ئۈچ ئوغلى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، بالىلىرىنىڭ سالامەت قايتىپ كېلىشىنى كۆرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. زىيارەتتە مۇخبىر بالىلارغا بانان بەردى، ئەلى بالىلارنىڭ نۇرغۇن يىلدىن بېرى بۇنداق مېۋىلەرنى يەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى