خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى« Facebook »نىڭ قۇرغۇچىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكىربۇرگ 1-دېكابر ئايالى پۇلىسيا چېن بىلەن قولىدىكى Facebook نىڭ %99 پېيىنى (بازار قىممىتى 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گې پېروۋسكىيە شىركىتى_ ئامېرىكىدىكى لىمىتلىق ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى. بۇ كارخانىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى نىكولاس ۋودمان ۋە جىر ۋودمان بۇلتۇر 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى خەير- ساخاۋەت ئورگىنى (SVCF)گە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
WhatsApp شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ژان كۇمۇ SVCFگە بەش يۈز مىليون دوللار ئىئانە قىلدى.
«Facebook» شىركىتىنىڭ سابىق يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىسى، ئامېرىكا مۇزىكا تور بىكىتى Napsteنىڭ قۇرغۇچىسى شىئېن پاك ئۆزى قۇرغان فوند جەمئىيىتىگە 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.
گوگىل شىركىتىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى سېرگىي بۇلىن بۇلتۇر ئۆزىنىڭ ئائىلە خەير-ساخاۋەت فوندى ئۈچۈن 383مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن.
گوگىل شىركىتىنىڭ يەنە بىر ئورتاق قۇرغۇچىسى لاررى پېيچى بۇلتۇر ئۆزىنىڭ گۇگىلدىكى قىممىتى 177مىليون ئامېرىكا دوللارلىق پىيىنى ئۇنىڭ دادىسى كارل ۋىكتور پېيچىنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان فوندىغا ئىئانە قىلىپ مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
روسىيەلىك باي، داڭلىق كارخانىچى ئۇرېي مىلنا « ئىلىم - پەندە بۆسۈش ھاسىل قىلىش » مۇكاپاتىنى قۇرۇپ ھەر يىلى شۇ ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالىملارنى مۇكاپاتلىغان. ھەر بىر مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 3 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، مىلنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئۇ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، سىمسىز رادىئو ۋە يورۇقلۇق سىگنالى ئىزدەش ئارقىلىق ئەقلىي ھاياتلىق ئىزدەش ھەققىدە ئىزدەنگەن.
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گايتىس ئايالى مېي لىندا بىلەن قۇرغان بىل بىلەن مېي لىندا گايتس فوندىسىغا 30مىليارد 700مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.
2009 – يىلى، « پاي چېكى شاھى» باففىت ۋە گايتس ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم يىغىلىپ، روكفەيلەر جەمەتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى داۋىد روكفەيلەر، نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكول بۇلۇنبېرىگ، قارا تاش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى پېتىر پېتېرسېن قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ قانداق قىلغاندا خەير-ساخاۋەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن تېمىدا ئىزدەنگەن.
گەرچە باففىت ۋە گايتسنى دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك خەير-ساخاۋەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە مۇھتاج . مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، « ھەدىيە قەسىمى» تۈرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ 2010 - يىلى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر چوڭ ئىشقا ئايلاندى.
ئامېرىكا« خەير - ساخاۋەت خاتىرىلىرى » ھەپتىلىك ژۇرنىلى 2014 - يىللىق خەۋىرىدە، «Facebook» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك ئەر-خوتۇن 2013 - يىلى SVCF فوندى جەمئىيىتى فوندىغا قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن پاي چېكىنى ئىئانە قىلغان، ئۇلار ئامىرىكا خەير - ساخاۋەت تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.(مەلىكەم )
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى