باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2015.11.25 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 24-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مائارىپ پىلانى پروگراممىسىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان يىغىنىنى ئېچىپ، يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسى مائارىپ 2-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ فۇجى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، كېيىنكى قەدەمدە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى تىرىشىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ:

  بىرىنچى، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان نوپۇسنى مۆلچەرىي ھېسابلاپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم يەسلىلەرنى قۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، بالىلارنىڭ ئۆيىگە يېقىن يەسلىگە بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ.

  ئىككىنچى، مەنپەئەتلەندۈرۈش تىپىدىكى يەسلىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ، يېزىلاردا ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى يەسلىلەر ئاساس قىلىنىدۇ، شەھەرلەردە ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى يەسلىلەر يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقراۋىي يەسلىلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتى تولۇق ئويلىشىلىدۇ.

  ئۈچۈنچى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يەسلىلەرنى دائىملىق ھەرىكەتلەندۈرۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ يادروسى مالىيە سېلىنمىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسىلىسىدۇر، شۇڭا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان خىراجەت سېلىنمىسىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، يەسلىلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلىنىپ قېلىش خاھىشىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە توسىلىدۇ. يەسلىلەردە ئويۇن ئاساس قىلىنىپ، ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيىلەشتە قەتئىي چىڭ تۇرىلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل ناملاردا تاللاش خاراكتېرىدە مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى ئېلىشى چەكلىنىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقلىرىدا نۆلدىن باشلاپ ئوقۇتۇش قەتئىي يولغا قويىلىدۇ، ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يەسلىلەرگە يۈزلەندۈرۈشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىز ئوقۇشقا يېتىشەلمەي قالارمۇ دېگەن ئەندىشىدىن خالاس قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر