باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراسۇ پورتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە «يېشىل كارىدور» ئېچىپ بەردى

تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن يېرىم سائەتكە قىسقاردى

2015.11.27 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ «يېشىل كارىدور» بەلگىسى چاپلانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ئاپتوموبىللىرى 25 - نويابىر ھۆرمەت توپى ساداسى ئىچىدە، قارمۇ - قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ، قاراسۇ پورتىدىن ئۆتتى. بۇ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى قاراسۇ - قولماي پورتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈش «يېشىل كارىدور»ىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنىڭ دەلىلى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاراسۇ - قولماي پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئالتە سائەتتىن يېرىم سائەتكە قىسقىرايدۇ.

  قاراسۇ تاموژنىسىنىڭ باشلىقى فېي لىشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىكى «يېشىل كارىدور»دىن تېز ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك ئىككى تەرەپ پورتلىرىغا مەخسۇس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشتا مەلۇم قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئالدى بىلەن ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەلۇم قىلىش تالونىنى تەكشۈرۈپ، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىدىغان كارخانا ۋە تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا «يېشىل كارىدور» بەلگىسى تارقىتىپ بېرىپ، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى پورتتىكى مەخسۇس «يېشىل كارىدور»دا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى كۆرسىتىدىكەن. تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى تاموژنىدىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپتىكى مەنزىلگە بېرىشتىن ئىلگىرى، يول بويىدىكى ئۆتكەللەردىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ قاراسۇ - قولماي پورتىدىكى «يېشىل كارىدور»دىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئالتە چوڭ تۈردىكى 49 خىل مەھسۇلات ھازىر 19 چوڭ تۈردىكى 131 خىل مەھسۇلاتقا، ئىمپورت قىلىنىدىغان تۆت چوڭ تۈردىكى 24 خىل مەھسۇلات 16 چوڭ تۈردىكى 81 خىل مەھسۇلاتقا كۆپەيتىلگەن.

  شىنجاڭ مەدىنە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى كۈنگۈل ماخاتنىڭ «يېشىل كارىدور»نىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا «يېشىل كارىدور»نىڭ ئېچىلغىنى ناھايىتى ياخشى بولدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قەشقەردىن دۈشەنبىگە توشۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى يەتتە، سەككىز كۈندىن تۆت، بەش كۈنگە قىسقىرايدىغان بولدى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر