باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېڭدا تاۋباۋنىڭ مۆلچەر قىممىتى بايرىن ميۇنخىن كۇلۇبىدىن ئېشىپ، تۆتىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

2015.11.27 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) «ئاسىيا پۇتبولچىلىقىدىكى بىرىنچى پايچېكى» دەپ ئاتالغان خېڭدا تاۋباۋنىڭ بازار قىممىتى ئىزچىل بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. تۆنۈگۈن بېزەكچىلىك شىركىتى گۇاڭتيەن پايچەك شىركىتى 150مىليون يۈەن نەق پۇل بىلەن خېڭدا تاۋباۋنىڭ %1كە يەتمەيدىغان پېيىنى سېتىۋالماقتچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خېڭدا تاۋباۋنىڭ ئومۇمىي مۆلچەر قىممىتىنىڭ 150مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، خېڭدا تاۋباۋ دۇنيا پۇتبولچىلىقى باي كۇلۇبلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى تۆتىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار.

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى خېڭدا تاۋباۋنىڭ پايچېكى مەملىكەتلىك پاي ئاغدۇرۇش سىستېمىسىدا رەسمىي ئىش باشلىدى. خېڭدا گوروھىنىڭ رەئىسى شۈ جيايىن ۋە ئالىبابا گوروھىنىڭ رەئىسى مايۈن نەق مەيدانغا بېرىپ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇندىن ئىلگىرى خېڭدا يەر مۈلۈك گوروھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالىبابا (جۇڭگو) تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئايرىم ھالدا خېڭدا تاۋباۋنىڭ %60ۋە %40لىك پېيىنى كونترول قىلغان بولۇپ، ئومۇمى پاي كاپىتالى 375مىليون پاي بولغان.

  فوربېس خەنزۇچە تورىنىڭ ئېلان قىلغان «2015-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار 50تەنتەربىيە كوللېكتىپى» رەت تەرتىپىنىڭ پۇتبول كۇلۇبى رەت تەرتىپىدە خان جەمەتى مادرېت كۇلۇبى 3مىليارد 260مىليون دوللارلىق قىممىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، بارسېلونا ۋە مانچېستىر بىرلەشمىسى ئايرىم ھالدا 3مىليارد 160مىليون دوللار ۋە 3مىليارد 100مىليون دوللارلىق قىممىتى بىلەن كېيىنكى ئورۇندا تۇردى، تۆتىنچى ئورۇندىكى بايرىننىڭ قىممىتى ئاران 2مىليارد 350مىليون دوللار بولدى. ئەگەر بۇ تەرتىپ بويىچە سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر خېڭدا تاۋباۋ ئەڭ يۇقىرى سوممىدا كۆپەيتىپ تارقىتىشنى تاماملىسا، ئۇنداقتا خېڭدا تاۋباۋ 2مىليارد 754مىليون دوللارلىق مۆلچەر قىممىتى بىلەن بايرىننىڭ ئورنىنى ئېلىپ، قىممىتى رەت تەرتىپىدە 4-ئورۇنغا ئۆتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر