باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «زەھەرلىك يۈگۈرۈش يولى»غا جاۋاب بەردى

ئاساسلىقى نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن بولغان، جاۋابكار قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2015.11.27 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا 26-نويابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېقىندا جايلاردا يۈز بەرگەن «زەھەرلىك يۈگۈرۈش يولى» ۋەقەسىگە قارىتا جاۋاب بەردى: مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر تەنتەربىيە سارىيى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، خىزمىتىگە ئېتىبارسىز قاراپ، تەنتەربىيە مەيدان ئەسلىھەلىرىنىڭ لاياقەتسىز بولۇش، سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش ھەتتا زەھەرلىك بولۇشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئالاقىدار جاۋابكار قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.ئىگىلىنىشچە، ئەنخۇي، خېنەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەردە يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن «زەھەرلىك يۈگۈرۈش يولى» ۋەقەسى يۈز بەرگەن. پلاستماسسا يۈگۈرۈش يولىدىن غەيرىي پۇراق چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن. ۋاڭ دىڭخۇا مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، زەھەرلىك پلاستماسسا يۈگۈرۈش يولى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسى بولسىمۇ، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يۈگۈرۈش يولىدا چېنىقىدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار. مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەكتەپ ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ تۇرمايدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ بۇنداق ئىشلارغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ ۋە ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ۋاڭ دىڭخۇا مۇنداق قارىدى: «زەھەرلىك يۈگۈرۈش» يولى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن بولغان، ۋىجدانىنى يوقىتىپ مەنپەئەت قوغلىشىش، مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولماسلىق، نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، ئۆلچەم كەمتۈك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر