باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك

2015.11.27 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى 24-نويابىردىن 26-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تەدبىر. پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ھەر تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىپ، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  يىغىندا ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانى توغرىسىدا بىرلىكتە كېڭەشتى. 24-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، شى جىنپىڭ «جىڭشى مېھمانخانىسى» يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىغا كېلىپ، يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تارىخى دېيىشكە بولىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئارمىيەمىزنىڭ كىچىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش ۋە داۋاملىق غەلىبە قىلىش جەريانىدىكى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. ئارمىيەمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقنى باشتىن ئاخىر ساقلىشى ئارمىيەمىزنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىر دۆلىتىمىز چوڭ دۆلەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ، دۇنياغا نەزەر تاشلاپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ بۇرچى ھەم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىزدىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ زور ئەقىل ۋە جاسارەت بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كادىرلار ۋە ئامما يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى، پائال قوللىشى كېرەك، بۇ پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىش، بۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھازىر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شارائىتى نىسبەتەن پايدىلىق بولۇپ، تېپىلغۇسىز پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر