باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12 تۈركۈم بوۋاقلارنىڭ لاياقەتسىز قوشۇمچە يېمەكلىكى ئېنىقلاندى

2015.11.27 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 26-نويابىر، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت باش ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جياڭشى رۈيبېيسوڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالتۇن بولاقلىق تۆمۈر-سىنىك-كالتسىي رېتسىپلىق قۇۋۋەت پاراشوكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12تۈركۈم بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكىدىكى كولونىيە (مىكروپ توپى)نىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە دۆلەت ئۆلچىمىگە ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى ئاشكارىلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت باش ئىدارىسى بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكىگە قارىتا دۆلەت مەخسۇس تۈرلۈك نازارەت قىلىپ تاللاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 40كارخانىنىڭ 41تۈركۈم نۇسخا مەھسۇلاتىنى تاللاپ تەكشۈرگەن، 12تۈركۈم لاياقەتسىز نۇسخا مەھسۇلات تەكشۈرۈپ چىقىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىك دۆلەت ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان، 6كارخانىغا چېتىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىك خەۋپى بار 10تۈركۈم نۇسخا ماھسۇلاتتا كولونىيە ئومۇمىي سانىنىڭ دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر