باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۆمۈر يول پاي چەكلىك شىركىتى ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈر يول تۈرىگە خېرىدارلىققا تاللاندى

2015.11.27 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تۆمۈر يول پاي چەكلىك شىركىتى 25 -نويابىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى، شىركەتنىڭ تولۇق پاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بالا شىركىتى بولغان جۇڭگو تۆمۈر يول خەلقئارا شىركىتى تۆمۈر يول باش شىركىتى قارمىقىدىكى تۆمۈر يول خەلقئارا شىركىتى، ۋېنگىرىيە تۆمۈر يول شىركىتى بىلەن ۋېنگىرىيەدە بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش گەۋدىسى قۇرۇپ، ۋېنگىرىيە- سېربىيە تۆمۈر يولىنىڭ ۋېنگىرىيە بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالدى، بۇ تۈرگە خەلق پۇلى بىلەن ھېسابلىغاندا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ خەلقئارا شىركىتى ۋە جۇڭگو تۆمۈر يول پاي چەكلىك خەلقئارا شىركىتى يۇقىرىقى بىرلەشمە تىجارەت گەۋدىسىدە %85 پايغا ئىگە بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى، 24 -نويابىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا« 16+1 »يىغىنىدا، «ۋېنگىرىيە سېربىيە تۆمۈر يولى ۋېنگىرىيە بۆلىكىنى ئېچىش، قۇرۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىمى » ئىمزالىدى. جۇڭگو تۆمۈر يول پاي چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى، ۋېنگىرىيە سېربىيە تۆمۈر يولى جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشتىكى تۇنجى تۈر ،بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلىدىغان ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى تۇتاشقان ئورۇندىكى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى مۇھىم بۆلەك، جۇڭگو تۆمۈر يولى، جۇڭگو تېخنىكىسىنى چەتئەللەرگە چىقىرىشتا زور تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر