باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: رۇسىيەنىڭ قىرغۇچى ئايروپىلانى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىدۇ

2015.11.27 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە باش ئىشتابى ھەرىكەت باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇتسىكوي 24-نويابىر مۇنداق دېگەن: رۇسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ بارلىق ھەرىكىتى قىرغۇچى ئايروپىلاننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولىدۇ، موسكۋا ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتىمۇ بۇنى قوللايدۇ. رۇتسىكوي مۇنداق دېدى: تۈركىيە رۇسىيەنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، رۇسىيە ئارمىيەسى زىيادە تەدبىر قوللىنىپ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سەپلەنگەن موسكۋا ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى سۇرىيەنىڭ لاتاقىيە ساھىلىگە يېقىن يەرگە بارىدۇ. ئۇ: رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئۇچرىشىشى ئاياغلىشىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر