باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نەنشا تاقىم ئارىلىدا ئايرودروم سېلىش-سالماسلىققا جاۋاب بەردى: ھەربىي ئەسلىھەلەر مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ

2015.11.27 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-نويابىر چۈشتىن كېيىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇخبىرلار نەنشا تاقىم ئارىلىدا يېڭىدىن ئىككى، ئۈچ ئايرودروم سالىدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شاڭشياۋ ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بولۇپ، ئۆز زېمىنىدا خەلق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە ۋە زۆرۈر ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ھوقۇقى بار.

  مۇخبىر: جۇڭگونىڭ ھازىر يۇڭشىڭ ئارىلىدا بىر ئايرودرومى بار. ئىگىلىنىشچە، جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلىدا يەنە ئىككى، ئۈچ يېڭى ئايرودروم سالماقچىكەن، جۇڭگونىڭ قانداق پىلانى بار؟ نەنشا تاقىم ئارىلىدا جەمئىي قانچە ئايرودروم سالىدۇ؟ مەقسىتى نېمە؟

  ۋۇ چيەن: جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بولۇپ، ئۆز زېمىنىدا خەلق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە ۋە زۆرۈر ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ھوقۇقى بار. بۇ ھەربىي ئەسلىھەلەر پۈتۈنلەي مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭمۇ چېكى بار. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر