باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نۇرلان ئابىلمەجىن جاڭ ۋېيۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.11.27 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار نازارەت ۋە ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى 26 - نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا «جېجياڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغىلى كەلگەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سانائەت ئىقتىسادى بىرلەشمىسى، كارخانىلار بىرلەشمىسى ۋە كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيۋېن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە جېجياڭلىق كارخانىچىلار بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ - جېجياڭ ھەمكارلىقى، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2011 - يىلى ئاپرېلدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، كارخانا ساھەسىدىكى جاڭ ۋېيۋېن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى ھەر يىلى جېجياڭدىكى داڭلىق كارخانىچىلارنى تەشكىللەپ شىنجاڭغا كېلىپ «جېجياڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بىر تۈركۈم تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا جېجياڭ كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىش ۋە كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈردى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2011 - يىلىدىن بۇيان مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى زور تېما تەتقىقاتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم تىزگىنلەش جەھەتتە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بولۇپمۇ بۇ يىلقى «جېجياڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى» پائالىيىتىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، شىنجاڭ - جېجياڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ۋە بوياقچىلىقتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا پائال رول ئوينايدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پۇرسەتنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىلىك ۋە يول كۆرسەتكۈچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  جاڭ ۋېيۋېن مۇنداق دېدى: خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەھەتتە ياخشى تەكلىپ - پىكىر بېرىمىز.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ سۆھبەت يىغىنىدا، جاڭ ۋېيۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ - پىكىر بەردى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر