باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىسىتىرى روسىيەنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىش ۋەقەسىنى دېپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېدى

2015.11.27 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) سېپرۇسنىڭ شىمالىدىكى تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىسىتىرى چاۋۇشئوغلى 26-نويابىر، تۈركىيە بىلەن روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىش ۋەقەسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، بىراق تۈركىيەنىڭ روسىيەدىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

  چاۋۇشئوغلى روسىيەنىڭ سۇرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمىنى باشلىغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىش قىلمىشىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ روسىيەگە رەسمىي ھالدا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر