باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەن جۇەنچى موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولدى

2015.11.27 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موڭغۇلىيە دۆلەتلىك بۈيۈك خورىلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جۇەنچى باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى يەن جۇەنچى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك بۈيۈك خورىلىنىڭ رەئىسى زەنداڭخۇيىن ئىنخېبولىد، زۇڭلىسى سايخان بىلىگ بىلەن كۆرۈشتى، دۆلەتلىك بۈيۈك خورىلىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىياگامبىڭ ئىنخېبولىد بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە جۇڭگو-موڭغۇلىيە قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. يەن جۇەنچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر