خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى غوروچۆل كەنتى لۇڭزىشىن باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى غوروچۆل بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى پۈتۈن بازار بويىچە 20 ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى663 نەپەر(مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10%نى ئىگىلىگەن) قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ يېڭى پاسوندىكى پاختىلىق چاپان، ئاياغنى ئىئانە قىلدى. خەلق ئىشلىرى نازارىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى110 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ پۈتۈن بازاردىكى 663نەپەر( مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10%نى ئىگىلىگەن) قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ يېڭى پاسوندىكى پاختىلىق چاپان، ئاياغنى سېتىۋالغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى