باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيە بېشىرىق بازىرىنىڭ بۇ يىل قىش، كىلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2015.11.27 16:05   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋات ناھىيە بېشىرىق بازىرىنىڭ بۇ يىل قىش، كىلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (لى خوڭ تاۋ خەۋىرى، ماھىرە غۇپۇر تەرجىمىسى)11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېشرىق بازىرى بازار، كەنت كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش قۇرۇلىشى بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيلەش سىنىپىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمى ئېچىلىپ، بۇ يىل قىش، كىلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلىشى خىزمىتى ئۇمۇميۈزلۈك باشلاندى. پارتكوم، ھۈكۈمەت رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، ئورگان كادىرلىرى، پونكىت-ئورۇن مەسئۇللىرى، ئىككى خىل تۈزۈم بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كادىرلار، ھەر قايسى كەنىتنىڭ گۇرۇپ باشلىقىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك كادىرلار، زاپاس كادىرلار، پارتىيىگە تەرەققى قىلىش ئوبىكتى قاتارلىق 600دىن كۆپ ئادەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، شۇنداقلا مەركەزلىك تەربىيلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

  بېشرىق بازىرى كادىرلارنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش قۇرۇلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بالدۇر باشلاپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ يىل قىش، كىلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلىشى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى.شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق «ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى كادىرلارنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئادەم كۈچى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپى، ۋىلايەت، ناھىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىن مۇتەخەسىستىن 8نەپەر، يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن 5نەپەر تەكلىپ قىلىپ، بازار، كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، بۇ يىل قىش، كىلەر يىلى ئەتىيازلىق ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش قۇرۇلىشى بويىچە مەركەزلىك تەربىيلەش سىنىپى ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيلەش سىنىپى 5كۈن بۇلۇپ، چېتىلىدىغان مەزمۇن: سىياسى نەزىرىيە، ئىدېئولوگىيە، قانۇن-تۈزۈم قارىشى، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق تېخنىكىسى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئاڭ تەربىيىسى، شۇنداقلا خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېشرىق بازىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلىشى خىزمىتىنى كەنت كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش قۇرۇلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ « ئاممىغا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارى»نى يۇقۇرى كۈتۈرگىلى بۇلۇشتەك چوڭ ئىشتىن تۇتۇش قىلىپ، دېھقانچىلىقىنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك « ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ، « پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش، قانۇن- تۈزۈمنى سۆزلەش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتۈش» چوڭ تەشۋىق پائالىيىتى ، 80،90- يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ «ھەپتىدە بىر ئۆگىنىش» چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە بۇ قېتىملىق كەنت كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش قۇرۇلىشى مەركەزلىك تەربىيلەش سىنىپى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئايلانما تەشۋىقات، مەركەزلىك تەربىيلەش پائالىيىتى 3قېتىمغا يىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئاممىغا قانات يايدۇرغان لىكسىيە، تەربىيلەش 1000قېتىمغا يەتتى. تەشۋىقات، تەربىيلەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى يۇقۇرى كۈتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ روھى قىياپىتى ياخشىلىنىپ، پۈتكۈل بازىرىمىزدىكى كادىر، ئاممىنىڭ « ئىدىيىسى تۇراقلىق بۇلۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۇنۋېرسال بىلىمى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى. (لى خوڭ تاۋ خەۋىرى، ئاۋات ناھىيەسى بېشرىق بازارلىق ئىنتىزام ئىشخانىسىدىن ماھىرە غۇپۇر تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ