- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلدى
2015.11.27 13:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ئارمىيەسى 24-نويابىر مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ھاۋا بوشلۇقىدا رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشى سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغانلىق. سۇرىيە ئارمىيەسى سۇرىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 24-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، شۇ چاغدا بۇ ئايروپىلان ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قايتىۋاتاتتى. سۇرىيە ئارمىيەسى باياناتىدا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ: بۇ سۇرىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىشىپ تېررورىزمغا داۋاملىق زەربە بېرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر