باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانى يولغا قويۇلىدۇ

ھازىر بار بولغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىدۇ

2015.11.30 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان «تىل ئىمتىھانى ۋە ئۇنى باھالاش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى»دىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى سىناش ئۆلچىمى تەتقىقاتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، خەلقئارا بويىچە قېلىپلاشقان تەسۋىرلەش تىل ئامبىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانى يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۆلچىمى ئوخشاشمايدىغان، فۇنكسىيەسى ھەر خىل بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىر تەرەپتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان، گۇۋاھنامىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار گۇۋاھنامىلەرنىڭ قىممىتىگە باھا بېرىلمەيدۇ. شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل تىلى ئاساسىي مائارىپى بىلەن ئالىي مائارىپى ئۆز ئارا باغلىنىشچان ئۆلچەم سىستېمىسى، دۆلەت بىر تۇتاش بېكىتكەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش، باھالاش ئۆلچىمىگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئىمتىھاننىڭ ئىلمىيلىقى، نومۇر قويۇشنىڭ بىردەكلىكى، تەشكىلنىڭ پۇختىلىقى، نەتىجىنى سېلىشتۇرۇشقا ۋە چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر