خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :29- نويابىر،جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى 11 - قېتىملىق مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 81گە قارشى 103نەتىجە بىلەن شەندوڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا 11قېتىم غەلبە قىلىپ، بىرلەشمە بويىچە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە 12 - ئاينىڭ 1– كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ، شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى