باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئېغىرلاشتى، ياشانغانلار 200 مىليوندىن ئاشتى

2015.12.01 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنى قاتارلىق بەش ئاپپارات بىرلىشىپ 29-نويابىر «جۇڭگو ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ 2015-يىللىق كۈتۈنۈش زاپاس كۆرسەتكۈچى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى نىسبەتەن ئېغىركەن.

  بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كۈتۈنۈش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، شۇڭا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈش سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىق قوشۇمچە سۇغۇرتىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش كاپالىتى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، «قېرىغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

   ئومۇمىي مىقداردا ياشانغانلار ئەڭ كۆپ بولدى

  كۈتۈنۈش زاپاس كۆرسەتكۈچى، شەھەرلەردىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن يىغقان زاپىسنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2014-يىلغىچە، ئېلىمىزدە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلار 212 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪15.5كە يەتكەن، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ياشانغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر