- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى
2015.12.01 16:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-نويابىر پارىژدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، كېلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ماقۇللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىم غەلىبىلىك ئاياغلىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، ئارمىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە ئۈنۈملۈك ماس ھەمكارلىقنى ساقلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر