باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

30 مىڭدىن ئارتۇق پاختا تەرگۈچى يۇرتىغا قايتىشقا باشلىدى

2015.12.01 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) «جۇڭگۇنىڭ پاختا ماكانى» دەپ نام ئالغان ئاۋات ناھىيەسى بۇ يىل 1 مىليۇن 345 مىڭ 600 مو كېۋەز تېرىغان بولۇپ، يېقىندا بۇ ناھىيەنىڭ پاختا تىرىش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن بۇ ناھىيىگە پاختا تېرىشكە كەلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق پاختا تەرگۈچىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىدى.

  28- نويابىر ، مۇخبىرلىرىمىز ناھىيىلىك مەركىزى يولۇچىلار بېكىتىدە چوڭ-كىچىك يۈك تاقلارنى كۈتۈرۈۋالغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تەرتىپ بۇيىچە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بىلەت ئېلىپ، ماشىنىغا چىقىپ، يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغانلىقىنى كۆردى .

  سىرتتىن كەلگەن پاختا تىرىش ئىشچىسى تۇرغۇن ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى:

  مۇخبىر:

  ـ سىلەر نەدىن كەلدىڭلار ؟

  -قەشقەر قاغىلىقتىن كەلدۇق.

  -سىلەر كەلگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟

  - 2 ئاي بولدى. 3-مەيداننىڭ 8-لىيەنىدە پاختا تەردۇق. -نەچچە پۇل كىرىم قىلدىڭلار؟

  17-18 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدۇق .

  بۇ يىل 21 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئايتۇرسۇن مەمەتئابدۇللا قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن بۇلۇپ، ئۇ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئاۋات ناھىيەسىگە پاختا تىرىشكە كەلگەن ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى 2 ئاي پاختا تىرىش ئارقىلىق، تاماق ۋە كېرا پۇللىرىنى چىقىرۋەتكەندە 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدى .

  ناھىيىلىك مەركىزى يولۇچىلار بىكىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لى گۈيباۋ مۇنداق دېدى: بىز دولان يېزىلىق ساقچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر كۈنلۈك يولوچى تۇشۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىش مەزگىلىدە ئەگەر يولوچىلار ماڭالماي تۇرۇپ قالسا، بىز ئۇلارنى زال ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە سوغوقتا قالماسلىقىغا ياردەم قىلدۇق .

  يېقىندىن بۇيان ناھىيىمىزدىكى ئالاقىدارتارماقلارئاكتىپلىق بىلەن مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ خاتىرجەم، ئوڭۇشلۇق يۇرتىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر