پارىژ ئورلى ئايرودۇرۇمىدا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-نويابىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ھوللاند ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنى رەئىسى فابىيۇسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.