خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا Boredpandaتورىنىڭ 3-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فلورېدا شىتاتىدىكى بىر شىركەت بىرخىل خوببېتلار ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەرنى لايىھەلىگەن بولۇپ، ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۈچلا ئادەم كېتىدىكەن، بىرقانچە كۈندىلا پۈتىدىكەن.
بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى تۇپراق ۋە ئوتلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كۆكتات تېرىغىلى بولىدىكەن. ئوت-چۆپلەردىن باشقا يەنە، خېرىدارلارنىڭ قىززىقىشى ۋە رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە، ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى قۇم شېغىل ياكى قار بىلەن قاپلىغىلى بولىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى