باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولدى

2015.12.03 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىنتىزام بولغاچقا پارتىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى توختىماي يولغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئىستىلى يېڭىلىنىپ، ئەلنىڭ قەلبى ھاياجانلاندى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى «ئوپېراتسىيە پىچىقى». ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 2012-يىلى 4-دېكابىر يىغىن ئېچىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. «كىچىك تەدبىر» «چوڭ ۋەزىيەت»نى ئىلگىرى سۈردى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەسلەيدىغان بولساق، «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە» «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تىن «<تۆت خىل خاھىش>قا قارشى تۇرۇش» «يولۋاس، چىۋىنغا تەڭ زەربە بېرىش»كىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاممىغا تونۇشلۇق سۆزلەرگە ئايلاندى، بۇ، بىر مەيدان چوڭقۇر ئىستىل ياخشىلاشنىڭ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ۋە ھەقىقىي بولغانلىقى، ئۆزگىرىشنىڭ كۆرگىلى، تۇتقىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. تورىمىز بۈگۈندىن باشلاپ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئۈچ يىل توغرىسىدىكى چاتما خەۋەرلەرنى بېرىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ، بوشاشماي، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىستىل قۇرۇلۇشى دائىملىق ئىش، ھەر ۋاقىت ئېلىپ بېرىلىدۇ، چوقۇم «ھەر ۋاقىت ئەستە ساقلاپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەش كېرەك». چاتما خەۋەردە نۇقتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەن-ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېقىندا يەرلىكتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان يېزا، بازار كادىرلىرىنىڭ سودىگەرلەرنىڭ ئىككى تال ئالمىسىنى بىكارغا يىگەنلىكى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرىنىڭ ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەنلىكىدەك كىچىك ئىشلارنى چىقىش قىلىپ، «كىچىك ئىشنى چوڭايتتىمۇ-يوق»؟، «خىلاپلىق قىلغان بولسىلا جازالاش»نى قانداق داۋاملاشتۇردى؟ قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، «دېرىزىنى چېقىش ئېففېكتى»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر