باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ قىممىتى 20 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ

2015.12.04 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زوڭ جىنياۋ 2-دېكابىر مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كېڭەيتىش پائالىيىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك ۋە تۈۋرۈكلۈك كەسپىگە بارغانسېرى ئايلاندى، بۇ يىل ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى 20 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %18 نى ئىگىلىشى مۇمكىن. زوڭ جىنياۋ مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. 2014-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى 455 مىڭغا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ نىسبىتى 2.1 دە بىرگە يەتتى. 2.1 دە بىر-خەلقئارادا بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە كىرىشىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئۆلچىمىنىڭ بىرى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى بىلەن يېزا ئىگىلىك كەسىپ قىممىتىنىڭ نىسبىتى بىردە بەشتىن يۇقىرى بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا بىردە سەككىز، بىردە توققۇزغا يېتىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزدە يەنىلا پەرق بار، لېكىن بۇ جەھەتتە بىر قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن خېلىلا ئالدىدا تۇرماقتا. زوڭ جىنياۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كېڭەيتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئورتاق، ھالقىلىق تېخنىكىسىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر