باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن بۇرۇن قانداق سېگنال بەردى؟

2015.12.02 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەممە كۆز تىكىۋاتقان مەركەزنىڭ 2016-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئېچىلىدۇ، نېمىشقا ھەممە شۇنچە ئېتىبار بېرىدۇ؟ چۈنكى 2016-يىلى «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىچكىرىلەپ تۈزەش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىنىڭ ھالقىلىق يىلى. بۇ بىر يىلدا ئىقتىساد سىياسەتلىرى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟ لى كېچياڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېتەكلەپ «خوت يۆتكەش»نى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېقىندا ئېچىلىدىغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار بەلگىلەيدۇ.

  بۇ جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى. لى كېچياڭ ئالدىراشلىقتا بوش ۋاقىت چىقىرىپ ھەر خىل سېگنال چېلىپ، جۇڭگونىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى ئۈچۈن بىشارەت بەردى، بۇ ۋاقىتتىكى، بۇنداق سېگنال، بىشارەتلەر، 2016-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىياسەت تومۇرىنى كۆرۈشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.

  لى كېچياڭنىڭ ئۆتكەن بىر مەزگىلدە ئېلان قىلغان ماقالىسى سىرتنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتتى. بۇ لى كېچياڭنىڭ «ئىقتىساد تەتقىقاتچىسى» يىللىق ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيا 2016»دە ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بولۇپ ئىنتايىن قىسقا يېزىلغان. لېكىن لى كېچياڭنىڭ 2016-يىلى ئېلىپ بارىدىغان ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئومۇمىي ئويىنى بىلمەكچى بولغانلارنىڭ قايت-قايتا ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.

  «ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلقئارانىڭ ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش»، بۇ لى كېچياڭنىڭ ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2016-يىلدىكى ۋەزىپە، باشلىنىشى يىغىنچاق ۋە ئىخچام بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ 2016-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بايان قىلىپ بەردى. ماقالىنىڭ يادرولۇق ھالقىلىق سۆزى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق. ئالدىنقىسى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىكى قىممەتلىك تەجرىبىسى، بۇ ھازىرمۇ يەنىلا ئىنتايىن قىممەتلىك؛ ئارقىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن دۇنيانىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۇبيېكتىپ ئەمەلىيىتىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ يېڭى دەۋردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا يەنىمۇ ئېچىۋېتىش، يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش كېرەك. مەسىلەن: يېقىندا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ھەرىكىتى.

  ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەنلار گوۋۇيۈەننىڭ 2015-يىلدىكى ئاساسلىق خىزمىتى بولۇپ، لى كېچياڭنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىپ، «خوت يۆتكەپ تىزلىكنى يوقاتماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر