باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىنجاڭ ج خ تارماقلىرى ئامما ئۈچۈن 597مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئالدىنى ئالدى

2015.12.04 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2-دېكابر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ساقچى تەرەپ پاش قىلغان ھەرخىل جىنايى ئىشلار دېلوسى جەمئىي 40 مىڭغا ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئامانلىق دېلوسى 100مىڭغا يەتكەن. پاش قىلىنغان ئىقتىسادىي تۈرىدىكى دېلو 1000 دىن ئېشىپ 597مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۋېلىنغان. جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى قاتىللىق دېلوسى، سەككىز تۈرلۈك چوڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى، مال-مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى، رەزىللىككە چېتىشلىق دېلوسى، ئالداپ سېتىش دېلوسىغا قارىتا پاش قىلىشىنى كۈچەيتتى. قاتىللىق دېلولىرىنىڭ دېلو پاش قىلىش نىسبىتى ئۇدا ئالتە يىل % 96 دىن ئاشتى. 2015-يىلى 98.2 %غا يەتتى. ئىلى، ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپان، قۇمۇل، سانجى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، چۆچەك، ئالتاي، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلوسىنىڭ پاش قىلىش نىسبىتى % 100 كە يەتتى.

  ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارا گۇرۇھلارغا، ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ، «100 شەھەردە زەھەر چەكلەش بىرلەشمە جېڭى» قاتارلىق 21 مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، زەربە بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ ئىلگىرى ۋە كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم زور مۇھىم دېلونى پاش قىلدى.

  2006-يىلى مەملىكەت بويىچە قارا گورۇھقا زەربە بېرىش، ياماننى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى ئامانلىقى قالايمىقان نۇقتىلاردىن باشلاپ، قەرەللىك بازار، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق « قارا مۇشتۇمزورلار»نىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولدىغان ئورۇنلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى، چۆچەك، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سەككىز قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق تەشكىلاتتىنى ۋە 41 ياۋۇز كۈچلەر گۇرۇھىنى يوقاتتى.

  2011 - يىلى ئادەم بېدىكلىرىنى يوقۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىي 773 جىنايى گۇرۇھنى يوقۇتۇپ، 5181 قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىنى قۇتقۇزدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر