باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

−− دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىغا قاتناشقانلىقى، زىمبابۋې، جەنۇبىي ئافرىقىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى تونۇشتۇردى

2015.12.07 16:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 29-نويابىردىن 5-دېكابىرغىچە فرانسىيەگە بېرىپ كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىنىڭ باشلىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، زىمبابۋې، جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ۋە جوھاننېسبۇرگتا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سەپەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارغا بۇ قېتىملىق زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ سىرتقا زىيارەتكە چىقىپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدىكى مۇھىم ئىش. پارىژ سەپىرىنىڭ مەقسىتى خەلقئارا كېلىمات سۆھبىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى. ئافرىقىدىكى زىيارىتى جۇڭگو-ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلان ۋە يول كۆرسەتتى. بۇ قېتىملىق زىيارەت جۇڭگونىڭ ھەقىقىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى مەۋقە قىلىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، جۇڭگو ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئافرىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئورگانىك ئۇدۇللىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى تولۇق بىرىكتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ۋە دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تۈزۈشتىكى مۇھىم ھەرىكىتى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىشىنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۈچ دۆلەتتىكى تۆت شەھەردە ئايلىنىپ، قوش، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەرنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى، ئىتتىپاقلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق يېڭىشنى كۆزلىدى، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى جامائەت پىكرى بۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىملىق زىيارەت جۇڭگونىڭ يەر شارى كېلىماتىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتا يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقى، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەۋر خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر