باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازىرى «ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتى

2015.12.07 19:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى خەۋىرى (ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازىرى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن جاڭ شىبىڭ خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازىرى «ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچىدىن پىسخولوگىيە مەسلىھەتچىسى سۇرىيە يۈسۈپنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ھەرقايسى كەنتلەردىكى زەربىگە ئۇچرىغان، بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پىسخولوگىيەلىك يېتەكلەش، تەربىيە لېكسىيەسىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى كەنتلەردىكى «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرى، خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرى، بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولۇپ 1500دىن ئارتۇق كىشى لېكسىيەگە قاتناشتى.

  قىش كىرگەندىن بۇيان، بەشئېرىق بازىرى قىش پەسىللىك تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى ۋە مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، «ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «بۇ يىل قىش، كېلەر يىل كۈزلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى بازار-كەنت كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى كوللېكتىپ كۇرسى»، «4-دېكابىر» قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتى، زەربىگە ئۇچرىغان، بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پىسخولوگىيەلىك يېتەكلەش، تەربىيە مەمخسۇس لېكسىيەسى قاتارلىق تەشۋىقات پائالىيىتىدىن 50 مەيداندىن ئارتۇق ئورۇنلاشتۇردى. تەشۋىقات لېكسىيەسى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاپ، نۇرغۇن يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىك ئامىللىرىنى يوقىتىپ، بازار بويىچە كادىر-ئاممىنىڭ «مۇقىملىقنى ئىستەش، تەرەققىياتقا تەلپۈنۈش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ئورتاق قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر