باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىدىكى بىر قانچە چوڭ مەسىلىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى رامكا پىكىر» ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى

2015.12.09 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىدىكى بىر قانچە چوڭ مەسىلىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى رامكا پىكىر» ۋە «ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىدىكى بىر قانچە چوڭ مەسىلىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى رامكا پىكىر» ۋە «ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىدىكى ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە رامكا پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر