باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئەتە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن باشلاپ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ

2015.12.10 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2015 - يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 2- دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان، بىرىنچى باسقۇچلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا ئوڭۇشلۇق ئاياقلاشقان،41مىڭدىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچ قوبۇل قىلىنغان. 10 - دېكابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن كېيىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)دىن قۇبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسىە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئورۇندالمىغان چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا داۋاملىق ئاشكارا ئارزۇ توپلاش تاماملانغان. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2015 - يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە شۇنداقلا كەسىپلەر 12 - دېكابىر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 12 - دېكابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 13 - دېكابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ((http://www.xjzk.gov.cn) تەلەپ بويىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. ئارزۇ توپلاش ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تەڭشەشنى قوبۇل قىلىشىنى ئاساس قىلىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر قىيىن مەسىلىگە يۇلۇقسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-8752001 . (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر