باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىغا 2- تۈركۈمدە ئەسكەر ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

2015.12.09 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەNTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 7- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە چېگرادىن ئۆتۈپ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلغا 2- تۈركۈمدە ئەسكەر ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە 350 ئەسكىرىدىن تەشكىللەنگەن تۈركىيە قىسىمى تۈركىيە ئىراق چېگرا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈركىيە بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىشنى كۈتمەكتىكەن. 6- دېكابىر كەچتە، تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى ئىراق زۇڭلىسى ئابادىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ ئىراق تۈركىيە چېگراسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىكى مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىراق بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر