باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يادرو ئېلېكتر «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نىڭ ئارقىسىدىكى «يۇمشاق» تايانچ ھەققىدە

2015.12.10 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ «خۇالۇڭ 1-نومۇر» لايىھەنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھ شىركىتى «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى شىڭ جى ئېلېكترونلۇق ئېكراننى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ تەقلىدىي قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قاراڭلار، بۇ يادرو ئېلېكتىر پونكىتىمىزدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك تەقلىدىي مودېل، سوقۇلۇش يۈز بەرگەندە يادرو ئارىلى زاۋۇتى ھەر قايسى بۆلەكلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرەيدۇ، ھەر بىر رەڭ بىر خىل كۈچ چۈشۈش سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ....

  شىڭ جىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «خۇالۇڭ 1-نومۇر» ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگە، 743 پاتېنت ۋە 104 يۇمتالنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش تەقلىدىي سىناقتىن ئۆتكۈزۈش «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نى لايىھەلەش جەريانىدا نەچچە مىڭ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان، بارلىق سىناقلارنىڭ ھەممىسى «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نىڭ ئۆزگىچە ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھە ئۇنىۋېرسال سۇپىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى «خۇالۇڭ 1-نومۇر» يادرو ئېلېكتر پونكىتىنىڭ زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن كەلگەن.

  جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىمىن مۇنداق دېدى: «خۇالۇڭ 1-نومۇر» جۇڭگونىڭ تۇنجى بولۇپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 3-ئەۋلاد بېسىملىق سۇلۇق سوۋۇتۇلما رېئاكتور يادرو ئېلېكتر تېخنىكىسى، جۇڭگو يادرو ئېلېكترىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشدىكى ئاساسلىق مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، يادرو ئارىلىنىڭ زاۋۇت بىناسى سودا ئايروپىلانىنىڭ سوقۇلۇشىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە فۇكۇشىمادىكى يادرو ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر