باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈن چۈنلەن پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارغا نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2015.12.10 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلىمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلارغا مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۇقتۇردى.

  سۈن چۈنلەن ھەرقايسى دموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە گۇرۇھىسىز زاتلارنىڭ ئۆز تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە ئالاقە قىلىۋاتقان ئاممىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم ئىدىيە، بايان قىلىنغان زور مەسىلە، تەكىتلىگەن ئىستراتېگيەلىك مۇھىم نۇقتا، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ۋەزىپە تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكەپ، ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا ھەقىقى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى بويىچە دەل قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل قۇتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەملىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئەقىل پاراسىتى، بايلىق، مەبلەغ، باشقۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلار ئامىللارنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى تەقسىملەپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك، پارتىيەلەر كېڭشىش قاتارلىق سەھنىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققى قىلدۇرۇش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، 13-بەش يىللىق پىلاندىكى يۈرۈشلۈك مىللىي ئىشلار تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن پىكىر تەكلىپ بېرىپ، بىجې سىناق رايونىنىڭ نامراتلىقدىن دەل قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈستۈنلىكىرى ئارقىلىق تولۇقلاپ، بىرلىكسەپتە نامراتلارنى يۆلەش تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ خىزمەت ماركىسىنى ھەمكارلىشىپ يارىتىپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكسەپ ۋە كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىشىشنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلىكى ۋە رولىنى تولۇق نامايەن قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر